مىڭلىغان ئامېرىكا شىركەتلىرى قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

مىڭلىغان ئامېرىكا شىركەتلىرى قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
3-نويابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 3000دىن ئارتۇق ئامېرىكا شىركىتى ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرىدىن تەخمىنەن 44000 ئەتراپىدىكى مەھسۇلاتلارغا قويۇلغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچىنچى قاراردا خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان 250 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مېلىغا قويۇلىدىغان باجنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا سودىگەرلىرى باجنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ئىلتىماس قىلغان 44000 خىل تاۋار بار ئىكەن. CNBC بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرىگە سۇنۇلغان باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسنىڭ سانى 2800گە يەتكەن. ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى 4900 ئىلتىماسنى ئاللىبۇرۇن تەستىقلاپ، 10970نى رەت قىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇندىن كېيىنمۇ باجنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ سانى كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى بۇ ھەپتىدىن باشلاپ تىرامپ ھۆكۈمىتى تۆتىنچى قېتىملىق قوشۇمچە باج قويماقچى بولغان خىتاي ماللىرىنى رەتلەشكە باشلىغان. ئامېرىكا تۆتىنچى قېتىمدا 300 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي ماللىرىغا باج قويۇشنى ئويلاشقان. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ زور كۆلەملىك ھەرىكىتى ئىكەن.
CNBC بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەنبە كۈنى ئالما شىركىتى قارمىقىدىكى ئالما ماركىلىق سائەت ۋە يانفوندىن ئېلىندىغان باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 146 شىركەت باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسىنى سۇنغان.
ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باجنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلتماس قىلىش ۋاقتى 2020-يىلى 1-ئايىنىڭ 31-كۈنىگىچە ئىكەن. نۆۋەتتە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان بولۇپ، ئۈچىنچى قېتىملىق 200 مىليارد دوللارلىق باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن سۇنۇلغان ئىلتىماسلار تېخى بىر تەرەپ قىلىنماي بېسىلىپ قالغان.

بۇ خەۋەر 498 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2019 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق