ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىككى شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى



خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىمالىي كورىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىككى شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان. 
خەۋەردە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ھىيلە–نەيرەڭ ئىشلىتىپ، ھەم خەلقئارانىڭ، ھەم ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان خىتاينىڭ «داليەن خەيبو خەلقئارا مال تىرانسپورت شىركىتى» (Dalian Haibo International Freight) بىلەن «شىمالىي كورىيە كان ۋە تۆمۈر مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» (Paeksol Trading Corporation)نى مال ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن «لىياۋنىڭ دەنشىڭ خەلقئارا مال تىرانسپورت شىركىتى» (Liaoning Danxing International Forwarding)نى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. 
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىتېۋېن مىنۇچىن باياناتىدا يەنە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاي شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان قانۇنسىز سودىنى پەردازلاش ئۈچۈن ھىيلە–نەيرەڭ ئىشلەتكەن خىتاي تىرانسپورت شىركەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى چوڭ خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشچە، ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىپ، ئامېرىكا بىلەن سودا ئالاقە قىلىشى مەنئىي قىلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 902 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2019 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق