كومپارتىيەپەرەس پالاتا ئەزاسىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ تاشلاندى

كومپارتىيەپەرەس پالاتا ئەزاسىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ تاشلاندى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ ئانگلىيا رۇسكىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىزچىل ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللاپ كەلگەن خوڭكوڭ پالاتا ئەزاسى خې جۈنياۋنىڭ (何君尧) پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
مەكتەپ تەرەپ مەزكۇر قارار ھەققىدە توختىلىپ، پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن شەخسلەرنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئىجابىي ئۈلگە يارىتىشى كېرەكلىكىنى، خې جۈنياۋنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ مەكتەپنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەنلىكىنى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خې جۈنياۋ 1984-يىلى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، 2011-يىلى ئۇنىۋېرسىتېت ئۇنىڭ قانۇن ساھەسى ۋە ئانا مەكتىپى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن.
خوڭكوڭدا پالاتا ئەزاسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خې جۈنياۋ ئىزچىل خىتاي كومپارتىيەسى تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرىدا «ۋەتەنپەرۋەر زات» دەپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن. ئۇ خوڭكوڭ نامايىشىغا قاتتىق قارشى چىققان بولۇپ، نامايىشنى زوراۋانلىق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا نامايىشچىلارنى «سۈۋەرەكلەر» دەپ ھاقارەتلەپ، ئۇلارنى يوقىتىشقا چاقىرىق قىلغان. بىر قىسىم خەۋەرلەردە ئۇنىڭ 21-ئىيۇل يۈز بەرگەن قارا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە زوراۋانلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنلىكى ئاشكارىلانغان. بۇلاردىن سىرت ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم ئىرقىي، جىنسىي كەمسىتىش خاراكتېرلىك سۆزلىرى تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغاپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 665 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2019 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق