قازاقىستان شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان ئىككى قازاققا سىياسىي پاناھلىق بەردى

قازاقىستان شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان ئىككى قازاققا سىياسىي پاناھلىق بەردى

ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ زۇلۇمى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئىككى قازاق ياشقا سىياسىي پاناھلىق بېرىلگەن.
30 ياشلىق قاستەر مۇساخان ئوغلى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىغا بىر نەچچە يىل ياتقان قامالغان بولۇپ، 25 ياشلىق مۇراگەر ئالىم ئوغلى ئىككىسى خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بەش كۈن پىيادە يول يۈرۈپ، قازاقىستان چېگراسىغا ئۆتۈۋالغان. ئىككىسى قازاقىستانغان بارغاندىن كېيىن، تاراتقۇلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەربەنتكە ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
تۈنۈگۈن ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى مۇخبىرلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش قارارىنى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قازاقىستان سوت مەھكىمىسى 2018-يىلى 8-ئايدا ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان قازاق مىللىتىدىن بولغان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا سايراگۈلگە شىۋېتسارىيە تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق بېرىلگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 584 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2019 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق