شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئالدىغا قويدى

شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئالدىغا قويدى
22-ئۆكتەبىر شىۋېتسارىيە ئۇچۇر تورىنىڭ (swissinfo) خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىگنازىئو كاسىس (Ignazio Cassis) شىۋېتسارىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بىلەن كۆرۈشكەندە تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىۋېتسارىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىۋېتسارىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە خىتاي مەبلەغ سېلىپ باشلىغان «بىر بەلباغ بىر يول» سودا پىلانى ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسى بولۇپ، شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۆھبەت ئارىسىدا خوڭكوڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 622 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق