مسىرغا قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچى ئادۇكاتى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىدى

مسىرغا قايتۇرۋىتىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئادۇكاتى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكى ماھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەنسىرەتتى

 -23 ئۆكتەبىر جىددە ئايرودرۇمىدىن مىسىرغا قايتۇرۇلغان سىدىقۇللا نۇرمەمەت ئادۇكاتى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىدى.

سىدىقۇللا نۇرمەمەتنىڭ دوستلىرىدىن ئىگىلىىشمىزچە، سىدىقۇللا نۇرمەمەتنىڭ دوستىلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپ جىددى ئادۇكات تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ بىراق مىسر دائىرلىرى ۋەكالەتچى ئادۇكاتنى سىدىقۇللا نۇرمەمەت بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن.

مسردا ئوقۇۋاتقان سىدىقۇللا نۇرمەمەد 23- ئۆكتەبىر كېچە سائەت 1:00 ئەتراپىدا ئۆمرى ئىبادىتى ئۈچۈن قاھىرە ئايرودرومىدىن جىددىگە قاراپ ئۇچقان. جىددە ئايرودرۇمىغا چۈشكەندىن كېيىن تامۇژنا ساقچىلىرى « سەن خىتايغا ئوخشىمايدىكەنسەن»دېگەن باھانىلەر بىلەن ئۇنىڭ كىملىكىدىن گۇمان قىلىپ چۈشىتىن بۇرۇن سائەت 9:50 دە جىددە ئايرودرۇمىدىن قاھىرەگە قايتۇرۇۋەتكەن.

سىدىقۇللا نۇرمەمەت تۈركىيەدىكى دوستىغا ئۇچۇر قىلىپ، ئۆزىنىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:20 دە قاھىرە ئايرودرومىغا كېلىپ بولغانلىقىنى ئېيىتقان.

سىدىقۇللا نۇرمەمەت قاھىرە ئايرودرۇمىدا ئىز- دېرەكسىز يوقالغاندىن كېىن، ئۇنىڭ مسىردىكى دوستلىرى ھەر ئاماللار بىلەن ئىزەپ باققان بولسىمۇ بىراق ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلالمىغان.

سىدىقۇللا نۇرمەمەتنىڭ دوسىتى بۇگۈن يەنە شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىستىقلال بۆلۈمىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، سىدىقۇللا بىلەن ئالاقسىنىڭ ئۈزلۈپ قالغانلىقىغا ئىككى كۈن بۇلۇپ قالغانلىقىنى، دوستىغا ۋاكالەتچى ئادۇكات تەكلىپ قىلغان بولىسمۇ بىراق مسىر دائىرلىرى سىدىقۇللا نۇرمەمەتنى ئادۇكات بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەنلىكىنى، دوستىنىڭ ئاقىبىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەشكە باشىلىغانلىقىنى، خەلقئارادىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددى ھەرىكەتكە كېلىپ ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1116 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 09:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق