خوتەندە جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى ئاشكارىلاندى

خوتەندە جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى ئاشكارىلاندى

 

-11ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر ساقچى خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ قىزىق نوقتا پىروگراممىسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەندىكى 40 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ دېگۈدەك جازا لاگېرىغا قامالغانلىقى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر ساقچى ئۆزىنىڭ بۇ ئۇچۇرنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىچكى تارماقلىرىدىن ئىگىلىگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارقىلىۋاتىدۇ.

بۇ سانلىق مەلۇمات جازا لاگېرىغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىدىن بەك ئاز. ھازىر ئۈرۈمچىدە 13 يەردە لاگېر بار، ھەربىر لاگېردا سولانغان تۇتقۇنلارنىڭ سانى ئون مىڭ ئەتراپىدا، لاگېردىكى ھەربىر كامېردا 20 كىشى سولانغان بولۇپ، ئۇلار كامېرغا پېتىشمىغانلىقى ئۈچۈن ئون كىشى ياتسا، ئون كىشى ئۆرە تۇرىدىكەن. خوتەندىلا  لاگېرغا قامالغان كىشىلەرنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئارتۇق، خوتەندە  40 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك لاگېرغا قامالدى. لاگېر سىرتىدا قالغانلار ياشانغانلار ۋە مېيىپلار».

بۇ خەۋەر 4221 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2019 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق