ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى
ئامېرىكا ئاۋازى تورى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە ئامېرىكا پارلامېنتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»نى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى(Nancy Pelosi)مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيەسى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دېموكراتىك كۈرىشىنى بىردەك قوللىدى. ئەگەر ئامېرىكا ئىقتىسادى مەنپەئەت سەۋەبلىك خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىقمايدىغان بولسا، خەلقئارانىڭ ھەر قانداق يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىغا ئارىلىشىش ھوقۇقىنى ۋە ئىمتىيازىنى يوقىتىدۇ. ئۆتكەن ئون نەچچە يىل ئىچىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار سودا مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا داۋاملاشتى. ئامېرىكا قىممەت قارىشىنى سودا مەنپەئەتىنىڭ قۇربانى قىلساق، روھىيىتىمىزنى پۇلغا ساتقان بولىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
نەنسى پېلوسى يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خوڭكوڭدا دېموكراتىك ئەركىنلىكنى باستۇرۇۋاتىدۇ، تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۈچ مىليوندەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرغا سولىدى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»دە تۆۋەندىكىدەك مۇھىم ئۈچ مەزمۇن تەكىتلەنگەن:
1.خوڭكوڭنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە يىللىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خوڭكوڭنىڭ خىتايدىن پەرقلىق ھالدىكى ئالاھىدە سىياسىي مۇھىتتىن بەھرىمەن بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى بېكىتىش.
2. خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا، كىشىلىك ھوقۇقىغا زىيانكەشلىك قىلغان كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشنى چەكلەش ھەمدە ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جازالاش.
3. خىتايغا قارشى كۈرەشلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش سەۋەبىدىن دېلو تۇرغۇزۇلغان كىشىلەرنى ھىمايە قىلىش.

بۇ خەۋەر 697 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2019 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق