خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارغا قارشى بومبا ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارغا قارشى بومبا ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا بىر نەچچە ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشتا 13-ئۆكتەبىر تۇنجى قېتىم ساقچىلارغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان ۋە يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان تىزگىنەكلىك بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ساقچىلارنىڭ بومبا چۇۋۇش ئەترىتى مەسئۇللىرىدىن چىن چىيۇ سۇريانتو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا ساقچىلارغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان ۋە يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان تىزگىنەكلىك بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
چىن چىيۇ ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، چوڭ كوچىدا پارتلىغان بومبىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. چىن چىيۇ يەنە نامايىشچىلارنىڭ پارتلاتقۇچ بومبا ئىشلىتىشىنى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ئوخشاتتى ۋە بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى ئەۋج ئالغان نامايىشلارنىڭ زوراۋانلىققا ئايلانغانلىقىنىڭ پاكىتى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇئاۋىن ساقچى مۇدىرى تاڭ پىڭ كېئۇڭمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، پارتلاتقۇچنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلدىن ئىككى مېتىر يىراقلىقتا پارتلىغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە نامايىشلاردا تۇنجى قېتىم پارتلاتقۇچ بومبا ئىشلىتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇ خەۋەر 607 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2019 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق