تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

12-ئۆكتەبىر يېنى ئاكىت گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا قارشى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا قارارىنى ئەمەلىي ئىجرا قىلسا، تۈركىيەمۇ ئامېرىكىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى، «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان چاغدا تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ھەرخىل تەرىقىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نىشانى ۋە دائىرىسى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىككە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ كۈرەشىنى تاكى ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى، بۇ كۈرەشكە قارشى تاشلىنىدىغان ھەربىر قەدەمگە قارىتا تۈركىيەنىڭ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىتېۋېن مىنۇچىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىش قارارنامىسىنى ئىمزالاشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئېمبارگولارنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 495 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2019 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق