ئامېرىكىدىن كەلگەن ئارقىمۇ ئارقا زەربە خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

ئامېرىكىدىن كەلگەن ئارقىمۇ ئارقا زەربە خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

دوۋېي تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 8-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش بىلەن ئالاقىدار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ۋېزا چەكلىمىسى قويۇشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، جازا لاگېرلىرىغا قاماش ۋە خورلاش جىنايەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا چىقارغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بۇ قارارنىڭ ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇنقى خىتاينىڭ 28 ئورگان ۋە شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش قارارىنىڭ تولۇقلىمىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي باياناتچىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە بۇ قارارىدىن يېنىشىنى تەلەپ قىلغان.

گەرچە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىشىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ئەمەلدارى 10-ئۆكتەبىردىن 11-ئۆكتەبىرگىچە ئېچىلىدىغان ئامېرىكا-خىتاي 13-قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك سودا سۆھبىتىنىڭ ئۆز قەرەلىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما نۇرغۇن ئانالىزچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، دەپ قارىغان.

بۇ خەۋەر 631 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2019 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق