شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا شېرىك ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا شېرىك ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلدى

-8ئۆكتەبىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت تورى شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلارغا شېرىك بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

قاراردا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرغا قامىغانلىقى، يۇقۇرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى بىلەن نازارەت قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى قايتىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنى خەتەرگە مەجبۇرلىغانلىقى ئۈچۈن مۇنۇلار  قارار قىلىندى.

 كوممۇنىستىك پارتىيە ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلىدۇ. ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە ئۇندىن باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ياكى خورلاش ئەھۋاللىرىدا مەسئۇلىيىتى بار. خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قويۇلىدىغان ۋىزا چەكلىمىسى سودا مىنسىتىرلىكىمىز تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خىتاينىڭ 28 ئورگىنىغا سودا چەكلىمىسى قويۇش قارارىنى تولۇقلايدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا، سەۋەبسىز لاگېرغا قامالغان تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنى قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تولىمۇ مۇھىم. خىتاينىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى لازىم. ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلەرنى خورلاش قىلمىشلىرىنى داۋاملىق تەكشۈرىدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ قارارنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خورلاشقا مەسئۇل ئەمەلدارلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

مەنبە:https://zh.bitterwinter.org/church-of-almighty-god-believer-dies-in-police-custody/

بۇ خەۋەر 652 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2019 13:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق