خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خاتىرە كۈنىدە خوڭكوڭدىكى بىر ئوقۇغۇچى ئېتىپ يارىلاندۇرۇلدى

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خاتىرە كۈنىدە خوڭكوڭدىكى بىر ئوقۇغۇچى ئېتىپ يارىلاندۇرۇلدى

ب ب س خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈنۈگۈن خوڭكوڭدىكى خىتايغا قارشى نامايىشتا ساقچى تەرەپ 18 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇنى ئېغىر يارىلاندۇرغان.
خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خوڭكوڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خوڭكوڭ خەلقى كومپارتىيەگە قارشى نامايىش قىلغان. نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار قاتتىق توقۇنۇشقان بولۇپ، مەلۇم بىر ساقچى 18 ياشلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا يېقىن ئارىلىقتىن ئوق چىقارغان، ئوقۇغۇچىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. بۇ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ نامايىش باشلانغان تۆت ئاي جەريانىدا تۇنجى قېتىم ھەقىقىي ئوق چىقىرىپ، نامايىشچىلارنى زەخمىلەندۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.
ۋەقەدىن كېيىن ساقچى تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، كۆپلىگەن جايلاردا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، نامايىشچىلارنىڭ ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى، خىتاي بايرىقىغا ھاقارەت قىلغانلىقىنى، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئالدىنقى كۈنى خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇققا بارغانسېرى يېقىنلاپ قالدى» دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 683 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2019 17:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق