ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى مەجبۇرىي سېتىلغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىلدى

ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى مەجبۇرىي سېتىلغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىلدى

24‏-سېنتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئەنگلىيەدىكى «خىتاي كوللېگىيەسى» مۇستەقىل خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتى ھامىد سابى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈپ سېتىش قىلمىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
ھامىد سابى 42‏-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە سېتىۋاتقانلىقىنى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جىنايەتكە قارشى جىددىي تەدبىر قوللىنىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا يەنە سابىق سىبىرىيە ئۇرۇش جىنايەتچىسى سلوبودان مىلوشىۋىچنىڭ دېلوسىدا باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سىر جېفرېي نايىس يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا مۇستەقىل قانۇن مۇتەخەسسىسلەر كوللېگىيەسى بۇ يىل 6‏-ئايدا خىتاينىڭ فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بىمارلارغا ساتقانلىقى ھەققىدە كېسىم چىقارغانلىقى، خىتاي يەنە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى خەلقئارا بازاردا سېتىش ئۈچۈن «ئورگان بانكىسى» قۇرۇپ چىققانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ سېتىپ، زور مىقداردا كىرىمگە ئىگە بولغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا يەنە خەلقئارا دوربان خىتابنامىسىدە ئىچكى ئورگان سودىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ بارلىق شەكىللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش، ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىشنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى، لېكىن خىتاينىڭ بۇ خىتابنامىگە ئەمەل قىلماي، فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى زور كۆلەمدە مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنىڭ نەچچە ئون مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرگە چېتىلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى توختىتىدىغان پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 623 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2019 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق