ئامېرىكىدا خوڭكوڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى دەسلەپكى قەدەمدە ماقۇللاندى

ئامېرىكىدا خوڭكوڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى دەسلەپكى قەدەمدە ماقۇللاندى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى خوڭكوڭغا ئالاقىدار بىر نەچچە تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھەلىرى «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»، «خوڭكوڭنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تۈنۈگۈن دەسلەپكى قەدەمدە ماقۇللانغان ۋە 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تولۇق ماقۇللىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈپ، خوڭكوڭنىڭ خىتايدىن پەرقلىق ھالدا ئالاھىدە ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولغان-بولمىغانلىقىنى يىلدا بىر قېتىم ئامېرىكا پارلامېنتىغا دوكلات قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇندىن باشقا خىتايغا قارشىلىق كۆرسەتكەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خاتىرىسى تۈپەيلىدىن ۋېزىسىنى رەت قىلماسلىق كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇلاردىن سىرت خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيەسى ۋە  قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشىلەرنى ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش، ھېسابىنى توڭلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق جازالاش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

بۇ خەۋەر 643 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2019 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق