ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ جازا لاگېرى تېمىسىدا چوڭ كۆلەملىك يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى

7-سىنتەبىر كەچتە ئىستانبۇل كايا مېھمانخانىسىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ۋەھشىيلىك باش تېما قىلىنغان چوڭ كۆلەملىك ئۇچرىشىش يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىن شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغان ۋە خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ئالدانماستىن، جازا لاگېرلىرىنى «دوزاخنىڭ نەق ئۆزى» دەپ باھا بەرگەن ئالبانىيەلىك تەتقىقاتچى ۋە مۇخبىر دوكتور ئولسى يازىجى، ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژىنىرى دوكتور ئەركىن سىدىق، ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى رەئىسى ۋە دۇق مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات، ساباھەتتىن زەئىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول، ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىم، دوكتور رىشات ئابباس قاتارلىق ئالىملار قاتناشتى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.

يىغىننىڭ رىياسەتچىلىكىنى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى قىلدى.

ئۇ ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە دوكتور ئولسى يازىجىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بارلىق مېھمانلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

كېيىن دوكتور ئولسى يازىجى دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيولنىڭ تەرجىمانلىقىدا شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى ۋە خىتاي ۋەتىنىمىزدە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشى باستۇرۇشنىڭ بۈگۈن يەر يۈزىدە ئوخشىشى تېپىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئەركىن سىدىق، ئۆمەر قانات، روشەن ئابباس خانىم قاتارلىقلار   بىر - بىرلەپ خەلقىمىزگە خىتاپ قىلدى، ئۇلارنىڭ جانلىق خىتابى خەلقىمىزنى ھاياجانلاندۇردى ئۇلارنىڭ قەلبىدە غەلبىگە بولغان ئۈمىدنى كۈچەيتتى.

پائالىيەتكە 1000 دىن كۆپ كىشى قاتناشقان بولۇپ، دوكتورلارنىڭ سۆزلىرى پات - پات خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرى ئارىىسدا ئۈزۈلۈپ قالدى.

پائالىيەتكە يەنە تۈركىيەدىكى چوڭ پارتىيەلەردىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋە ئىيى پارتىيەدىن ۋەكىللەر قاتناشتى.

پائالىيەت ئاخىرلىششتىن بۇرۇن جامائەت ئەربابى ھۆرمەتلىك ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى خەلقىمىزگە خىتاب قىلىپ ئۇلارنىڭ غەلبىگە بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

يىغىن ئاخىرىدا جەسۇر مۇخبىر ۋە تەتقىقاتچى ئولسى يازىجى ئەپەندىگە پۈتۈن جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن تەييارلانغان ھەدىيەلەر بىر - بىرلەپ تەقدىم قىلىندى ۋە يىغىن ئىنتايىن جۇشقۇن كەيپىياپ ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن مېھمانخانا ئالدىدىكى بايراقلار ئىچىدىكى خىتاي بايرىقىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىپ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ ئېسىلىشى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كەڭ غۇلغۇلا قوزغىدى.

ھەتتا بۇ كۆرۈنۈشلەر خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى بايراقنى ئېلىپ تاشلىغاندىكى كۆرۈنۈشلەر بىلەن بىرلىكتە تارقىتىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئىنكاس قوزغىدى.

بۇ خەۋەر 1919 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2019 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق