ئىسلام تەشكىلاتلار بىرلىكى يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىسلام تەشكىلاتلار بىرلىكى يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئۆز خەۋىرىمىز: تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن شىۋېتسىيە ئىسلام تەشكىلاتلار بىرلىكى يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ھەر يىلى ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان شىۋېتسىيە ئىسلام تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ يىللىق يىغىنى 1-سېنتەبىر شىۋېتسىيەنىڭ كاترېنخولم رايونىدىكى پائالىيەت ئورنىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر يىغىنغا ئىسلام تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇم ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ياسىن قاتناشتى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن تەشكىلاتنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسە دوكلاتى تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىن داۋامىدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1277 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2019 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق