بۇرسا شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلدى

بۇرسا شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلدى

19-ئاۋغۇست تۈركىيەدىكى چوڭ شەھەرلەردىن بىرى بولغان بۇرسا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئەلىنۇر ئاقتاش ئەپەندى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئوسمان غازى شۆبە رەئىسى ئۇفۇق جۆمەزمۇرادىيە ۋە ھەمزەبەي مەھەللىسى خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلغان.
زىيارەتچىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيىدە كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلاردىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىغان.
ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئەلىنۇر ئاقتاش ئەپەندىگە خاتىرە بۇيۇم ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى تەقدىم قىلغان. ئاخىردا ئەلىنۇر ئاقتاش ئەپەندى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھەرۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

بۇ خەۋەر 1808 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2019 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق