غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ ھېيت نامىزى ئوقۇدى

غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ ھېيت نامىزى ئوقۇدى

غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە كەلگەن مۇبارەك قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇغان ۋە ئۆزئارا ھېيتلىرىنى تەبرىكلەشكەن.
ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يىراق-يېقىنلاردىن فايرفاكس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تورى»نىڭ پائالىيەت زالىغا ئائىلە بويىچە جەم بولۇپ، ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇغان. ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئۆزاقتىن بېرى كۆرۈشەلمەي قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بولغان سېغىنىش ئازابىنى بىردەم بولسىمۇ يېنىكلىتىشكە تىرىشقان.


شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم ئەتراپىدا ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىگە يىغىلىپ، ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇغان. نامازدىن كېيىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئۆي-ئۆيلەرگە بېرىپ ھېيت پەتىسى قىلىش ئارقىلىق، ۋەتەندىكى ھېيت ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرغان.


گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ يىراق-يېقىندىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇغان. نامازدىن كېيىن ئۆزئارا ھېيتلىرىنى تەبرىكلەشكەن.


كانادادا‏ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قۇربان ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇپ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلىغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامازدىن كېيىن ئۆزئارا پەتىلەشكەن.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1739 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2019 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق