مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

10-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
بايانات مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز مۆھتىرەم قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! ئانا يۇرتلىرىمىزنى سېغىنىش ئىچىدە يۈرەكلىرىمىز ھەسرەتتە ئۆتۈۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا يەنە بىر قېتىم قۇربان ھېيت يېتىپ كەلدى. گەرچە قايغۇ بىلەن خۇشاللىق، ھېيت-بايرام بىلەن مۇسىبەت بىر-بىرىگە زىت بولسىمۇ، ھەر ئىككىسىنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن تەقدىر بولسا كېرەك. بىر تەرەپتە يۇرتنى سېغىنىش ھەسرىتى ۋە بېسىم ئاستىدىكى خەلقىمىزنىڭ زۇلۇم تارتىشىدىن ئىبارەت قايغۇ ئەلەملىك مۇسىبەتلىرى كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھېيت-بايرام يېتىپ كېلىپ، كۆڭلىمىزنى خۇشال تۇتۇشقا ئۈندىمەكتە.
ھەر كېچىدىن كېيىن بىر تاڭ ئاتقاندەك، ھەر قىشتىن كېيىن باھار كەلگەندەك، ھەر قىيىنچىلىقتىن كېيىن بىر ئاسانلىق بولغىنىدەك، مۇستەملىكىدىن كېيىن ئازادلىق كېلىدۇ. بىز ئەركىنلىك مەشئىلى يېنىش ئالدىدىكى قاراڭغۇ زۇلمەتتە ۋەھشىي ئالۋاستىلارنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتىمىز، ئىڭراۋاتىمىز. بىراق زۇلمەت يوقاپ، ئەركىنلىك مەشئىلى يانىدىغان تاڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئازادلىق ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشىش ئىرادىمىزنىڭ چوقۇم رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قاراپ، ھەرگىز بوشاشماي، ئۈمىدلىك ھالدا قەتئىي ئىرادە بىلەن ئازادلىق يولىدىكى كۈرەشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. تىرىشچانلىق بىزدىن، نەتىجە ئاللاھتىن.
ئەزىز مۆھتىرەم قېرىنداشلار! قۇربان ھېيت دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىق پۇرسىتى دېمەكتۇر. قۇربان ھېيت دۇنيا ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئىزدىشەلمىگەن دوستلىرىمىز، چوڭلىرىمىز، تۇغقانلىرىمىز ۋە قولۇم-خوشنىلىرىمىزنى يوقلاش ئارقىلىق مېھرىبانلىق ۋە سىلە-رەھىم كۆرسىتىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ. قۇربان ھېيت يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش، ئىگە-چاقىسىز قالغانلارغا غەمخورلۇق كۆرسىتىش. ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ خۇشال قىلىش، كېسەللەردىن ھال-ئەھۋال سوراش ۋاقتىدۇر. قۇربان ھېيتنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالغان بىر مۆمىن، بۇ خۇشاللىقنى ئىپادىلەش ۋە تارقىتىش ئارقىلىق دەرت-ئەلەملىك يۈرەكلەرگە مەلھەم بولۇش دېمەكتۇر.
قۇربانلىقنى پۇرسەت، ھېيتلىشىشنى مۇكاپات دەپ بىلەيلى. بىر-بىرىمىزنى ئۆيلىرىمىزدە مېھمان قىلىش بىلەن بىرگە، مەنىۋى جەھەتتىكى قەلب داستىخىنىمىزنى ھەم كەڭ ئاچايلى. رەنجىش ۋە ئاداۋەتلەرگە خاتىمە بېرىپ، ئىشەنچ ۋە سەممىيەت كۆۋرۈكى قۇرايلى. بىز باشتا قەدەم باسايلى، كېلەلمىگەنلەرنى بىز يوقلاپ بارايلى. ئۆچ-ئاداۋەت، غەزەپ-نەپرەتنى ئارقىمىزغا تاشلىۋېتىپ، ئۆزئارا بىر-بىرىمىز بىلەن قۇچاقلىشايلى. ھايات كېمىسىگە بىرلىكتە ئولتۇرۇپ خۇشاللىق ۋە قايغۇلۇق ئىمتىھان يوللىرىدا بىرلىكتە يۈرۈۋاتقان ئايال ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ياسايلى. ئائىلىمىزنى، بالىلىرىمىزنى خۇشال قىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەيلى.
بۇ قۇربان ھېيتنىڭ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ۋە مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمىز. بۇ قۇربان ھېيت ئىناق-ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە ۋەسىلە بولغاي. جانابىي ئاللاھ بۇ ھېيتنى بېسىم ئاستىدىكى مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋەسىلە قىلغاي. كېلەر قېتىملىق ھېيتنى ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈش ئۈمىدى بىلەن قۇربان ھېيتىڭلارنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمىز. قۇربان ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»

بۇ خەۋەر 1838 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2019 21:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق