ياشلار ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ياشلار ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

3-ئاۋغۇست تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى»، «شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى» ۋە « ئاچىل گۇرۇپپىسى»دىن تەشكىللەنگەن ياشلار ھەيئىتى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ياشلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە دوستانە مۇڭداشتى. ياشلار ھەيئىتى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ چەكلىك ئىمكانىيەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى.
ياشلار ھەيئىتى يەنە يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان تور دۇنياسىدا ئېقىپ يۈرگەن بىر قىسىم پىتنە-پاساتلار ھەققىدە ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق دەۋا خىزمىتىدىكى تەجرىبىلرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھازىرقى باسقۇچلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى. شۇنداقلا ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ياشلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ياشلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى زايا قىلماي ئۆگىنىشى ۋە دەۋا ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاخىردا ياشلار ھەيئىتى ئۆزلىرىنىڭ ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق خىزمەتكە ھەرۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 1436 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2019 17:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق