خىتاي ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن

خىتاي ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن

زىمىستان تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تازىلاش نامىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى نازارەت قىلغانلىقى، خىزمەتداشلارنى ئۆز ئارا بىر-بىرىنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق «ئىشەنچسىز» دەپ قارالغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئالىي مەكتەپ كادىرلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تازىلىغانلىقى، نەتىجىدە ئالىي مەكتەپلەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق بىلەن ئالاقىسى بار» دەپ ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ خادىملىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك ئۈن-سىن ماتېرىيالى ياكى قۇرئان كەرىم ساقلىغان، باشقىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتكەن كىشىلەرنىمۇ جازالىغانلىقى، 2018‏-يىلى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تارقاتقان «ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇش» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتا «ئالاھىدە ھەربىي نازارەت ۋە باھالاش گۇرۇپپىسى» تەشكىل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلارغا قارىتا ئالاھىدە باھالاش ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى بېكىتىشتە ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلارنىڭ بۇرۇن دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىنى، دىنىي ئىدىيەلەرنى تارقاتقان-تارقاتمىغانلىقىنى، ئاتالمىش «خاتا ئىدىيە، خاتا سۆز، خاتا ئەمەللەر»دە بولغان-بولمىغانلىقىنى، كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا نازۇك سىياسىي مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئىپادىسى، ھەربىر كىشىنىڭ «تېررورلۇق، زوراۋانلىق، بۆلگۈنچىلىك، ئاشقۇنلۇق» ھەققىدىكى كىتاب، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكى، ساقلىغان-ساقلىمىغانلىقىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان

بۇ خەۋەر 1301 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2019 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق