ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى رەت قىلدى

ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى رەت قىلدى


20-ئىيۇن تۈركىيەدىكى ئىيى پارتىيە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپ-لايىھەسىنى پارلامېنتقا سۇنغان.
مەزكۇر لايىھە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قوشۇلۇشىغا قارىماي، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە رەت قىلىنغان.
لايىھەدە مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تەكشۈرۈش بىر رىقابەت مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تۈرك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىلىدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتتۇر. خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر ئەھۋالنى ئېنىقلاش، قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈش كېرەك. خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان ئېغىر ۋە ئومۇمىيۈزلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خەلقىمىزگە بۇ ھەقتە توغرا مەلۇمات بېرىش كېرەك. شۇڭا توغرا سىياسەتلەرنىڭ چىقىرىلىشى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇننىڭ 98-ماددىسى ۋە تۈركىيە پارلامېنتى ئىچكى نىزامىنىڭ 104-، 105-ماددىلىرىغا ئاساسەن، پارلامېنت تەرىپىدىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز».

بۇ خەۋەر 934 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2019 20:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق