جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسىم تىزىملىكى ۋە تەپسىلىي ئەھۋالى ئاشكارىلاندى

جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسىم تىزىملىكى ۋە تەپسىلىي ئەھۋالى ئاشكارىلاندى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدىكى تۆتىنچى ۋە ئىككىنچى لاگېرغا قامالغان تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاساسىي ئۇچۇرلىرى جەدۋىلى ئاشكارىلانغان.
مەزكۇر جەدۋەل 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى تولدۇرۇلغان بولۇپ، جەدۋەلدە 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى تۆتىنچى لاگېرغا قامالغان ئابدۇلئەزىز ئوبۇلنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئائىلە ئۇچۇرلىرى خاتىرىلەنگەن. مەزكۇر جەدۋەل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانداق تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر جەدۋەلدە ئابدۇلئەزىز ئوبۇلنىڭ لاگېرغا قامىلىش سەۋەبىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن چىقىپ، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى قايتىپ كىرگەنلىكى ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
ئابدۇلئەزىز ئوبۇلنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى تىزىملانغان جەدۋەلگە ئۇنىڭ مەلۇم بىر تۇغقىنىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمىگەنلىكى، بىر كىشىنىڭ جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكى، چوڭ ئاكىسى ئابدۇراھمان ئوبۇلنىڭ 1995-يىلى چەتئەلگە چىقىپ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكى، ھەدىسى گۆھەرنىسا ئوبۇلنىڭ ئىككى بالىنى پىلاندىن ئارتۇق تۇغقانلىقى سەۋەبلىك ماڭلاي يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاراقاش ناھىيەسى ۋوگزالىدىكى ئىككىنچى لاگېرغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
ئابدۇلئەزىز ئوبۇلنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەدۋىلىدە بولسا ئابدۇخېلىل ئابدۇللاھنىڭ پىلاندىن ئارتۇق ئىككى بالىسى بارلىقى سەۋەبلىك 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى قاراقاش ۋوگزالى يېنىدىكى ئىككىنچى لاگېرغا قامالغانلىقى، ھازىرمۇ جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يېقىنى ئابلىمىت مەمەت ئىبراھىمنىڭ 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ھازىر ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
ئابدۇلئەزىز ئوبۇلنىڭ دىننىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى جەدۋىلىدە ئۇنىڭدا ئازراق دىنىي ئاڭ بار ئىكەنلىكى، كۈندە بىر ۋاق ناماز بىلەن جۈمە نامىزى ۋە ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغانلىقى، دىنىي ئېتىقادىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ دادىسى ئوبۇل ياسىن ئىكەنلىكى، دادىسىنىڭ 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى خاتىرىلەنگەن.

بۇ خەۋەر 1801 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2019 19:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق