خىتاينىڭ ۋاخان كارىدورىدا بازا قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى


ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ 19-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي قوشۇنلىرى تاجىكىستاننىڭ ۋاخان كارىدورىدىن بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۇرغاپ رايونىغا بازا قۇرغان.
خەۋەردە مۇخبىرلار تاجىكىستاننى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ۋە سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ھەربىي بازىسىغا تەۋە بولغان مۇرغاپ رايونى تەۋەلىكىدە 20 دىن ئارتۇق بىنا ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە مەزكۇر رايوننى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ چىققان مۇخبىر جېررىي شىھى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ مەركۇر رايوندىكى ھەربىي بىنالىرىدىن بىرنى كۆرگەنلىكىنى، بۇ ھەربىي بازىغا يېقىندىكى بازاردا سودا-سېتىق قىلىدىغان خىتاي ئەسكەرلىرىنى كۆرگەنلىكىنى، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي كىيىمىنىڭ ياقىسىدىكى بەلگىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن بىرىنىڭ مۇخبىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايغا كەلگىنىگە ئۈچ يىل ئەتراپىدا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئافغانىستان چېگراسىدىن ئۆتمەكچى بولغان بىرەر كىشىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 24978 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2019 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق