خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ يالغانچىلىقىغا رەددىيە

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ يالغانچىلىقىغا رەددىيە

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر خەلقئارا جامائەتتىن يوشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ھەقىقەتكە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلى سۈي ۋىينىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاقلىشى قوبۇل قىلغىلى ھەم سۈكۈت قىلغىلى بولمايدىغان جىنايەتتۇر. خىتاي باش كونسۇلى باياناتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى رىئاللىقىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن پاكىتلار بار.
1. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەييارلىغان دوكلاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە مىڭلىغان مەسچىتلەرنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى، يېقىندا بولسا كېرىيە ناھىيەسىدىكى 800 يىللىق تارىخقا ئىگە ھېيتگاھ جامەسىنىڭمۇ چېقىلغانلىقى، خوتەن شەھىرىدىكى نۇرلۇق مەسچىت ۋە بەيتۇللاھ مەسچىتلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ئىسپاتلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلىنىڭ مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشىنى «قايتا ياساش مەقسىتىدە چېقىلغان» دەپ بىلجىرلاشلىرى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغانلىقتۇر.
2. مىليونلىغان ئىنسانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماشتىكى مەقسەت راستىنلا خىتاي باش كونسۇلى بىلجىرلىغاندەك خىتاي تىلى ئۆگىتىش ئۈچۈن بولسا، 70 ياشقا كىرىپ قالغان ياشانغانلار خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە ئېھتىياجلىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن خىتاي تىلىنى خىتايلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ ياخشى بىلىدىغان يۈزلىگەن زىيالىيلار، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى، پىروفېسسورلار، دوختۇرلار، سەنئەتچىلەر، يازغۇچىلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىۋېلىنىدۇ؟
3. جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ جىنايىتى پەقەتلا مۇسۇلمان بولغانلىق، قۇرئان ئۆگەنگەنلىك، مەسچىتكە كىرگەنلىك، ھاراق ئىچمىگەنلىك، چوشقا گۆشى يېمىگەنلىك بولۇپ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىسلامنى «روھىي كېسەللىك» دەپ قاراپ، «لاگېرغا قامالغانلارنى داۋالايمىز» دەپ بىلجىرلىماقتا. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بىلىپ قېلىشى كېرەككى، ئىسلام دىنىنىڭ مەنبەسى قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر، ھەرگىزمۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سەپسەتىلىرى ئەمەس.
4. جازا لاگېرىدىكىلەرگە كەسىپ ئۆگىتىش سەپسەتىسى قىپقىزىل يالغانچىلىق بولۇپ، لاگېردىكى مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەر ئەمىلىيەتتە ئىشچى-خىزمەتچىلەر، كان-كارخانىچىلار ۋە باي سودىگەرلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭىدىن كەسىپ ئۆگىنىشكە ئېھتىياجى يوق.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايىتى ئوچۇقتىن ئوچۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى خىتاي باش كونسۇلىنىڭ يالغان باياناتىنى قەتئىي رەت قىلىش بىلەن بىرگە قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
تۈركىيە خەلقى خىتاينىڭ يالغانچىلىقى ۋە كۆز بويامچىلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا تۈرك خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئالاقىدار يالغان بايانات ئېلان قىلىشىنى چەكلەشكە چاقىرىق قىلىمىز.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

بۇ خەۋەر 1063 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2019 22:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق