خىتاي ئوقۇغۇچىلار داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئورۇن ئالالمىدى

 

سۇمۇرۇغ خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈن يوللىغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، خىتايلار دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تىزىملىكىنىڭ سىرتىدا قېلىشقا باشلىغان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) بۇ يىل قوبۇل قىلغان 700 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىچىدە بىرمۇ خىتاي بولمىغان. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يىل ئاخىرىدىكى يۈزتۇرانە ئىمتىھان تىزىملىكىدە شىياڭگاڭ ۋە تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، بۇنىڭغىمۇ خىتايدىن ھېچقانداق ئوقۇغۇچى كىرەلمىگەن. بۇنىڭدىن سىرت كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلگەن.
يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش، ساختا گۇۋاھنامە ياسىتىش، ۋاكالىتەن ئىمتىھان بەرگۈزۈش ۋە ھەممىدىن مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشپىيۇنلۇق قىلىش قاتارلىق سەتچىلىكلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلانغان. بۇ سەۋەبلىك خىتاي ئوقۇغۇچىلار داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قارشى ئېلىنمايدىغان ئوبيېكتقا ئايلانغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بۇ يىلدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان.

بۇ خەۋەر 735 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2019 16:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق