ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدەتتى

 

23-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدىن خەلقئارا بالىلار فېستىۋالىغا قاتناشقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ كۆز ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ باش ئەگمەس روھىنى ئىپادىلىدى. 
خەلقئارا بالىلار بايرىمى تۈركىيەنىڭ كوجائەلى ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 18-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدۇ. 

 

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مەزكۇر فېستىۋالغا شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى باش كاتىپى شەمشىنۇر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە 20 بالىنى تەشكىللەپ ئەۋەتكەن ئىدى.
بالىلار بايرىمىغا خىتايمۇ ۋەكىل ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ كۆز ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارغا قامالغان بالىلارنىڭ ئىگىسىز قالمايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئالدىدا ھەرگىز باش ئەگمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.


23-ئاپرېل ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى كوجائەلى دەرىنجە مىللىي مائارىپىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن بالىلار بايرىمىدا دولان مەشرىپى ئورۇنلاپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلاردىن ئىككى ۋەكىل يەنە دەرىنجدە رايونلۇق مىللىي مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەئىسىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن شارپا سوۋغا قىلدى . ئۇلارمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خاتىرە بۇيۇمى تارقاتتى.

بۇ خەۋەر 1983 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2019 18:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق