لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلنىڭ خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

فىرانسىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ياشاۋاتقان، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىپ كېلىۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى 9-ماي ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىكى ئۇچۇرىنى نەقىل ئېلىپ مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، فىرانسىيەدە سىياسىي پاناھلىق ئاستىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار خانىمنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىر گۇرۇپپا خىتاي گۈلباھار خانىمنىڭ پارىژدىكى تۇرالغۇسىنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باسقان. ئەينى ۋاقىتتا گۈلباھار خانىم قارشى تەرەپتىكى تۇرالغۇ بىنادا دوستى بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشكەن. ئەمما گۈلباھار خانىمنىڭ دوستى توققۇز خىتاينىڭ قارا رەڭلىك ماشىنىدىن چۈشۈپ، گۈلباھار خانىم تۇرىدىغان بىنانى نازارەت قىلماقچى بولغاندەك بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەنلىكىنى بايقىغان. دوستى دەرھال گۈلباھار خانىمغا بۇ ئەھۋالنى خەۋەر قىلغان ھەمدە ئۇنى بىنادىن چىقماسلىققا تەۋسىيە قىلغان. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن مەزكۇر توققۇز كىشى گۈلباھار خانىمنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باسقان.

ۋەھىمە ئىچىدە قالغان گۈلباھار خانىم دىلنۇر خانىمغا تېلېفون قىلغان. دىلنۇر خانىم دەرھال بۇ ئۇچۇرنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا يوللاش بىلەن بىرگە، ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، بۇ توققۇز كىشىنى (يەتتە ئەر ۋە ئىككى ئايال) سوراق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن.

ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان فىرانسىيەلىك ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رافائىل گىلۇكسمانمۇ بۇ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئىنستىگرام ھېسابىدا دەرھال ھەمبەھرىلەپ، تورداشلارنى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىنغا جىددىي تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. ئۇ يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ گۈلباھار خانىمنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ، گۇۋاھچىنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گۈلباھار خانىم ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان قازاقىستان پۇقراسى. ئۇ ئىلگىرى خىتاي بىلەن قازاقىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمما 2017-يىلى 5-ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە تۇرغان مېھمانخانىدىن تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىدا 465 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئۇ لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن پاش قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2869 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2024 12:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق