خوڭكوڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى: نىقاپ چەكلەش بەلگىلىمىسى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ؛ خىتاي دائىرىلىرى: بۇنى بىز بەلگىلەيمىز

خوڭكوڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى: نىقاپ چەكلەش بەلگىلىمىسى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ؛ خىتاي دائىرىلىرى: بۇنى بىز بەلگىلەيمىز

ب ب س تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى 18-نويابىر يازما ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى «جىددىي ۋەزىيەت قانۇنى»دىن پايدىلىنىپ يولغا قويغان نىقاپ چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتى 10-ئاينىڭ بېشىدا خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار ماددىدىن پايدىلىنىپ، نىقاپ چەكلەش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان مەزكۇر بەلگىلىمىگە ئاساسەن نامايىشچىلارنىڭ نىقاپ تاقىشى قانۇنسىز ھېسابلىنىپ، خىلاپلىق قىلغانلار جازالانغان ئىدى.
خوڭكوڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، زۆرۈر تەدبىر دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى نىقاپ چەكلەش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ھۆكۈم خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى بۇ ھەقتە ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ: «خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنىڭ خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ياكى خىلاپ ئەمەسلىكىنى پەقەت خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىلا بەلگىلەيدۇ» دېگەن. خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتى باشلىقى لىنجېڭ يۆئې بولسا بۇ ھەقتە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
خوڭكوڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى 20-نويابىر كېيىنكى قەدەملىك قارارلارنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، نىقاپ چەكلەش قانۇنىنىڭ تولۇق ئەمەلدىن قالىدىغان-قالمايدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق توختالمىغان.

 

بۇ خەۋەر 638 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2019 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق