خىتاي زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنى يەنە يالغان گۇۋاھلىققا مەجبۇرلىدى

خىتاي زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنى يەنە يالغان گۇۋاھلىققا مەجبۇرلىدى

-17نويابىر خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، جازا لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنى زۇمرەت داۋۇتقا نەسىھەت قىلىشقا مەجبۇرلاپ سىن تارقاتقان.

تۆت مىنۇتلۇق سىندا زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇت سىڭلىسغا «نەسىھەت» قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «سىڭلىم ياخشىمۇسىز، كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولدى. ئالدىنقى قېتىم كۆرۈشكەندە بۇرۇن تارقاتقان ئىغۋالىرىڭنى يۇيۇۋېتىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ. ھازىر تۈرمۇشىمىز ياخشى، باياشات ئۆتۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز باياشات كېتىۋاتسا، يەنە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ نېمە ئىش قىلىسىز».

مەزكۇر سىندا يەنە زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئۈچىنچى ئاكىسى ئەركىن داۋۇت: «دادامنىڭ تۈگەپ كېتىشى دادامدا ئەسلىدە يۈرەك كېسىلى بار ئىكەنلىكىدىن بولغان. دادامغا باشقىلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىش ئەھۋالى بولمىغان. ئۇنداق ئەمەس مۇنداق ئىدى، دەپ گەپ تارقىتىدىغان ھېچقانداق ئادەمنىڭ ھوقۇقى يوق» دېگەن سۆرلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلانغان.

زۇمرەت داۋۇت خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، 24-سېنتەبىر «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى» يىغىنىدا جازا لاگېرلىرىدىكى خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. كېيىن زۇمرەت داۋۇتنىڭ دادىسىغا لاگېردا زىيانەشلىك قىلىنغاندا زۇمرەت داۋۇت يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر زۇمرەت داۋۇتنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشتا زور تەسىرى  بولغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش ئارقىلىق، خەلقارادا ئاشكارىلىنىۋاتقان جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1199 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2019 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق