ئامېرىكا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 7-نويابىر پورتۇگالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىنتېرنېت ئۇچرىشىش يىغىنىدا ئامېرىكا پەن-تېخنىكا باش مەسلىھەتچىسى مايكېل كىراتسىئون خىتاينىڭ پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىققانلىقىنى ۋە ئىدېئولوگىيەسىنى دۇنياغا تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش، سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش، نازارەت قىلىش ئارقىلىق، بىر زامانىۋى ھاكىممۇتلەق دۆلەت قۇرۇپ چىققانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئۇ خىتاينىڭ توردىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر بىز ھازىر تەدبىر قوللانمىساق، خىتاينىڭ تەسىر كۈچى ۋە پەن-تېخنىكىغا بولغان كونتروللۇقى خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكىنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 496 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2019 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق