ئامېرىكا ۋە تەيۋەن تۇنجى قېتىم بىرلىكتە تور ھۇجۇمىغا قارشى مانېۋر ئۆتكۈزمەكچى

ئامېرىكا ۋە تەيۋەن تۇنجى قېتىم بىرلىكتە تور ھۇجۇمىغا قارشى مانېۋر ئۆتكۈزمەكچى

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى (AIT)نىڭ 31-ئۆكتەبىر بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن تۇنجى قېتىم بىرلىكتە تەشكىللىگەن «تور ھۇجۇمى مۇداپىئەسى مانېۋرى» كېلەر ھەپتە تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ مانېۋرغا ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، بەش كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ خەلقئارالىق مانېۋرنىڭ مەقسىتى زور كۆلەمدىكى تور ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش بولۇپ، يىلدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ تۈرلۈك مەقسەتلەردە پىلانلىغان تور ھۇجۇملىرى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا كۆپلىگەن خاككېرلىق ھەرىكەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان قالغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ئىزچىل ئىنكار قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭمۇ تور ھۇجۇمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 592 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2019 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق