خوڭكوڭ خەلقى ئالاھىدە كۈندىكى نامايىشتا يەنە باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىدى
خوڭكوڭ ئەركىن خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈنۈگۈن 21-ئىيۇل يۈز بەرگەن يۈەنلاڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ ئايلىق خاتىرە كۈنىدە تىنچ نامايىش قىلغان خوڭكوڭ خەلقى ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان.
بۇندىن ئۈچ ئاي بۇرۇن خوڭكوڭنىڭ يۈەنلاڭ رايونىدىكى مېترو بېكەتتە بىر توپ ئاق كىيىملىك نامەلۇم كىشىلەر نامايىشچىلارغا كالتەك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 40 نەچچە كىشىنى يارىلاندۇرغان ئىدى. مەزكۇر ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
نامايىشچىلار تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت يەتتىدە يۈەنلاڭ مېترو بېكىتىگە يىغىلىپ، بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىنچ ئولتۇرۇش نامايىشى قىلغان. مېترو تارماقلىرى بولسا يۈەنلاڭ بېكىتىنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىلا تاقىۋالغان. باشقا مېترو بېكەتلىرىمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن تاقالغان.
نامايىشچىلار: «21-ئىيۇل كىشىلەر يوقاپ كەتتى، 31-ئاۋغۇست كىشىلەر ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى، 1-ئۆكتەبىر كىشلەرگە ئوق چىقىرىلدى» دەپ ۋارقىراشقان ۋە «ساقچىلار تارقىتىۋېتىلسۇن» دەپ شوئار توۋلىغان. ھايال ئۆتمەي ساقچىلار يېتىپ كەلگەن ۋە نامايىشىلارنىڭ قانۇنسىز يىغىلغانلىقىنى بىلدۈرۇپ، ئۇلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان.
كەچ سائەت ئون ئەتراپىدا كوچىدىكى ئەھۋال جىددىيلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەن. بۇ جەرياندا بىر مۇخبىرغا بومبا تېگىپ كېتىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. ئۇندىن باشقا ساقچىلار نامايىشچىلارغا ساقچى ئىتى ئارقىلىق تەھدىت سالغان. باستۇرۇش جەريانىدا يەنە بىر قىسىم نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغان.