خىتاي زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنى مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزدى

خىتاي زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنى مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزدى

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارانىڭ ۋە خىتاي خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن جازا لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنى مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن.
خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقىت گېزىتى، كۆزىتىش تورى قاتارلىق چوڭ تاراتقۇلىرى بۈگۈن سىنا مىكرو بىلوگىدا ئابدۇخېلىل داۋۇت ئىسىملىك كىشى «گۇۋاھلىق» بەرگەن بىر مىنۇتلۇق سىننى تارقاتقان. ئۇ مەزكۇر سىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا خىتاب قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئىكەنلىكىنى، زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئەزەلدىن جازا لاگېرىغا كىرىپ باقمىغانلىقىنى، شۇنداقلا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنمىغانلىقىنى، بەلكى ئۆزى كېسەللىك سەۋەبلىك بالىياتقۇ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلغۇزغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زۇمرەت داۋۇت خىتاي جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، 24-سېنتەبىر «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى» يىغىنىدا جازا لاگېرلىرىدىكى خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتايلار مەجبۇرىي تەييارلاتقان مەزكۇر سىندا زۇمرەت تۇرسۇننىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقى ھېچقانداق تىلغا ئېلىنمىغان.
مەزكۇر سىن بۈگۈن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قىسقىغىنە نەچچە سائەت ئىچىدە بىر مىليون قېتىمغا يېقىن كۆرۈلگەن. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دائىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان كونا ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 1145 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2019 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق