قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

11-ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ قارابۈك ۋىلايىتىدىكى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىيىتى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرغان.
پائالىيەتتە بارلىق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۆز دۆلىتىنىڭ مەدەنىيتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئاچقان. بۇ پائالىيەتتە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مامۇتجان ئەركىن ۋە ئايالى تاجىگۈل ئابلىز قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئاچقان. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مامۇتجان ئەركىننى قوللاپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يېقىندىن ياردەمدە بولغان.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئورنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى، يېمەك-ئىچمەكلىرى، ئۇيغۇرچە ھەر خىل كىتابلار، مەشھۇر شەخسلىرىمىزنىڭ سۈرەتلىرى ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرى قاتارلىق نەرسىلەر قويۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار بۇ بۇيۇملاردىن ئۆزگىچە زوق ئالغان.
پائالىيەت جەريانىدا مامۇتجان قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنداقلا زىيارەتكە كەلگەن كىشىلەرگە شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىقلىرى، باستۇرۇش سىياسەتلىرى، جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، دىنىدىن ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى... قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغان ۋە تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقان.
بۇ پائالىيەت 10-ئۆكتەبىر باشلانغان بولۇپ، ئىككى كۈن داۋالاشقان. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، بولۇپمۇ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم يارىتىلغان.
قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 53 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى، 10 مىڭغا ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بار بولۇپ، تۈركىيەدىكى چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 1275 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2019 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق