قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

10-ئۆكتەبىر قارابۆك ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
ئىككى كۈنلۈك مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيتىنى قارابۆك ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆز دۆلىتىنىڭ مەدەنىيتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئاچقان.
قارابۆك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مامۇتجان ئەركىن قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ ياردەم قىلىشى ۋە قوللىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئاچقان.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئورنىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى، كىيىم-كېچەكلەر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان كىتابلار تىزىلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۈرەتلەر ئېسىلدى.
ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېرلارغا قاماپ، دىنىدىن ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەت 10- ۋە 11-ئۆكتەبىر ئىككى كۈن داۋاملىشىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1570 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2019 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق