خەلقئارادىكى قارشىلىق ئاۋازلىرى خىتايغا باش ئاغرىقى ئېلىپ كەلدى

خەلقئارادىكى قارشىلىق ئاۋازلىرى خىتايغا باش ئاغرىقى ئېلىپ كەلدى 

يېقىندىن بېرى خىتايغا بولغان نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارادىكى داڭلىق شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ قارشى پىكىرلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى خىتايغا يېڭى باش ئاغرىقى ئېلىپ كەلگەن.

5-ئۆكتەبىر ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (NBA) دىكى داڭلىق كوماندىلارنىڭ بىرى بولغان خيۇستون راكېتا كوماندىسىنىڭ باش دېرىكتورى داريل مورېي ئۆز تىۋىتتېردا خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. مورېي ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ سۆزىنى يۇيۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ سەۋەبلىك راكېتا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى خىتايدا تارقىتىشنى چەكلىگەن. تور دۇكانلىرىمۇ راكېتا كوماندىسىغا ئالاقىدار كىيىملەر ۋە باشقا ماللارنى سېتىشنى بىراقلا توختاتقان. NBAنىڭ باش دېرېكتورى ئادام سىلۋېر بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مورېينىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە كەچۈرۈم سورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ۋەزىيەت تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. خىتاي تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ھەرقايسى فىلىم تور بەتلىرى NBAنىڭ ھېچقانداق مۇسابىقىسىنى تارقاتماسلىقنى قارار قىلغان. نەچچە كۈن ئىچىدە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان NBA مەستانىلىرى كېچىلىكىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى «جەنۇبىي باغچا»نىڭ 2-ئۆكتەبىر قويۇلغان قىسمىدا خىتايدىكى تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇستەبىتلىك، دالاي لاما، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى ۋە ئورگان تىجارىتى قاتارلىق مەسىلىلەر قاتتىق قامچىلانغان. مەزكۇر فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قىسىمنىڭ خىتاي تەۋەسىدە قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان، شۇنداقلا باشقا 23 بۆلۈمنىڭ ھەممىسى توردىن يۇيۇۋېتىلگەن.

«جەنۇبىي باغچا» فىلىم مەسئۇللىرى 7-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خىتايدىن «كەچۈرۈم» سورىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىگە تەنە قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنى يەنە بىر قېتىم قامچىلىۋالغان.

بۇ خەۋەر 720 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2019 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق