ئىستانبۇلدا چىقىشقا باشلىغان خىتاي شامىلى نارازىلىقلارنى كۈچەيتتى

ئىستانبۇلدا چىقىشقا باشلىغان خىتاي شامىلى نارازىلىقلارنى كۈچەيتتى
تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئىجتىمائىي ئۇچۇر سەھىپىسىدە ئىستانبۇل تىرامۋاي بېكىتىنىڭ ئسىمىنى خىتايچە يېزىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «ئىستانبۇل جازا لاگېرلىرىدا خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىۋاتقان ئالتە مىليونغا يېقىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 50 مىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسىياتىنى كۆزگە ئىلماي، ئىستانبۇلدىكى توپكاپى رايونىدىن ئەمىن ئۆنۈ رايونىغىچە قاتنايدىغان ترامۋاي بېكەتلىرىگە تۈركچە بىلەن خىتايچىنى ئىشلىتىشنى يولغا قويدى.
خىتاي باش كونسۇلى ئەكرەم ئىمامئوغلى شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ئۇنى زىيارەت قىلغان ئىدى ۋە 1-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ 70 يىللىق ئاسارەت كۈنىدە خىتاينىڭ بايرام پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، خىتاي ساھەتچىلەر ئۈچۈن شەھىرىمىزنى ھازىرلايمىز دېگەن سۆزنى قىلغان ئىدى.
بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىستانبۇلدا ئۆزگىرىۋاتقان بۇ ھالەتلەردىن قاتتىق قايغۇرماقتا ۋە تەشۋىشلەنمەكتە. بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقى ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە ئەيىبلەيدۇ، دېگەنلەر تىلغا ئېلىندى.
نۆۋەتتە ئىستانبۇلدا باشلانغان بۇ تۇنجى ئىجرائات ئەكرەم ئىمام ئوغلىنىڭ خىتاي بايرىمىدا قىلغان سۆزىنىڭ روياپقا چىقىشى شەكلىدە ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىماقتا بولۇپ، ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا يەرلىك خەلقلەرنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا.

بۇ خەۋەر 874 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2019 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق