ياپونىيە بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ياپونىيە بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

بۈگۈنكى ياپونىيە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىنقى جۈمە ياۋروپا ۋە ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان.

مەزكۇر ھەمكارلىق كېلىشىمى خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىمزالانغان بولۇپ، ئاساسىي ئەسلىھە، تىرانسپورت، رەقەملىك ئۇچۇر ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاينىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقان بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى يىلى «ئاسىيا باغلىنىشى» ئىستراتېگىيە پىلانى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق كېلىشىممۇ مەزكۇر پىلاننىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

گەرچە خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانى كۈنسېرى زورىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پىلانغا قاتناشقان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن غايەت زور مىقداردا قەرز ئالغانلىقى، قەرز تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا بېقىنىپ قېلىۋاتقانلىقى تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى جىن جانكېر كېلىشىم ئىمزالاش جەريانىدا يۇقىرىقى نۇقتىلارنى پۇرىتىپ ئۆتكەن ھالدا ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بىز چوقۇم كېيىنكى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ كەڭرى تۇتاشقان، مۇھىتى ساپ بولغان دۇنيانى قالدۇرۇشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ زور مىقداردىكى قەرزنى ئەمەس» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى باغلىنىشنىڭ بارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ھەرگىزمۇ بىر دۆلەتكە بېقىنىپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 572 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2019 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق