تۈركىيەلىك داڭلىق ئالىم ئېھسان شەنئوجاق خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيەلىك داڭلىق ئالىم ئېھسان شەنئوجاق خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيەدە تونۇلغان ئالىملاردىن بىرى بولغان ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن تونۇلغان داڭلىق ئالىم ئېھسان شەنئوجاق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىسى تىۋىتتىردا يېڭى شافاق گېزىتى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ يۈزلىگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى پويىزدىن چۈشۈرۈپ يۆتكەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىنى ھەمبەھىرلىگەن ھالدا مۇنۇلارغا دىققەت تارتتى:
خىتاي ئۈن - تىنسىز ھالدا ئىسلامنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئالدىنقى سېپى بولغان تۈركىستاننى زۇلۇم مەھشەرگاھىغا ئايلاندۇردى. ئەرلەر ياكى مازاردا ياكى زىنداندا! سۈرە مۇمتەھىنەنىڭ 9 - ئايىتىگە كۆرە خىتاي ماللىرىنى ئېلىش ياكى سېتىش جائىز ئەمەس. مۇسۇلمان سودا - سانائەتچىلەر ئۇ ماللارنىڭ ئورنىغا باشقا ماللارنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن سەپەرۋەر بولۇشى كېرەك. ئويغان!
دېگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى.
ئۇستاز تىلغا ئالغان سۈرە مۇمتەھىنەنىڭ 9 - ئايىتىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر.
ئۇستاز ئېھسان شەنئوجاق تېخى يېقىندىلا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قەلەمگە ئالغان: "مىڭ يىلدىن بۇيان يىقىلىمىغان ئالدىنقى سېپىمىز شەرقىي تۈركىستان" ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئۇچۇرى ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە كەڭ ھەمبەھىرلىنىپ جىددى غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 1055 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2019 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق