خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىرىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىرىلدى

ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 42‏-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى سارى لىختېرانتا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىرغان.
خەۋەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا نامزات شىمالىي ماكېدونىيە، مونتېنېگرو، ئالبانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»، كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىش، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھەقىقىي رەۋىشتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
سارى لىختېرانتا سۆزىدە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى خەلقنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا، ئادىل سوتلاشقا كاپالەتلىك قىلىشقا، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، خورلىنىش ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراش دېلولىرىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 810 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2019 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق