«شەرقىي تۈركىستان ئۆسمۈرلەر لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

«شەرقىي تۈركىستان ئۆسمۈرلەر لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئۆسمۈرلەر لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى » 25-ئاۋغۇست باشلىنىپ ،  3- سېنتەبىر غەلبىلىك ئاخىرلاشتى .

بۇ مۇسابىقىگە 10 كوماندا 100دىن  كۆپ ئۆسمۈرلەر قاتناشقان بۇلۇپ ، بۇ مۇسابىقىدە بۆرە كوماندىسى بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن بولۇپ، مۇكاپاتىنى ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۇستاز ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرىي تەقدىم قىلدى .

ئەينەك كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپاتىنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان تەقدىم قىلدى .

ھۇررا كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن بۇلۇپ ، مۇكاپاتىنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپىدىن ئۆمەر قارىھاجىم تەقدىم قىلدى .

پۈتۈن مۇسابىقە ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئەڭ ياخشى توپ ئوينىغان ۋە جىق توپ ئۇرغان ھۇررا كوماندىسىنىڭ ماھىرى يۈسۈپجان ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بۇلۇپ باھالاندى. ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدىن كېرەم قارىم تەقدىم قىلدى .

پۈتۈن مۇسابىقە داۋامىدا ئەڭ ياخشى توپ توسقان ئەينەك كوماندىسىنىڭ  ۋاراتار ماھىرى  سەيفۇللا ئەڭ ياخشى ۋارتار بۇلۇپ باھالاندى، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدىن نىئمەتۇللا ھاجىم تەقدىم قىلدى .

پۈتۈن مۇسابىقە ئاخىرلاشقانغا قەدەر تەرتىپلىك خىزمەت قىلغان ئابدۇلقابىزمۇ مۇكاپاتلاندى. ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى تاھىر كۆك بايراق تەقدىم قىلدى .

 

بۇ خەۋەر 1725 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2019 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق