خىتاي ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارا ئىجرا قىلىشقا باشلىدى

خىتاي ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارا ئىجرا قىلىشقا باشلىدى
3-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارا ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن ئۆي سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەن.
ئىستانسىمىزغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالە كومىتېتى ئۆز دائىرىسىدىن ئۆي سېتىۋالماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان.
ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي خەلقئارادا ئاتالمىش «تېخنىك تەربىيەلەش مەركىزى»نىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى دەۋا قىلىشى پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق بولۇپ، يېقىندا مەلۇم ئاھالە كومىتېتى خىتاينىڭ زاۋۇت مەسئۇللىرىغا جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى ئىشقا ئالماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1436 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2019 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق