مائارىپ جەمئىيىتىدىن بىر ھەيئەت ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىياەت قىلدى

مائارىپ جەمئىيىتىدىن بىر ھەيئەت ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىياەت قىلدى

22-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىياەت قىلدى.
زىيارەتتە ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ئەلى كۇرت ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان بىر پارچە دوكلات سۇنۇلدى.
زىيارەت داۋامىدا ئىككى تەرەپ يەنە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىنى، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئىسلام دۇنياسىغا قانداق تونۇشتۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1167 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2019 18:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق