پىدائىيلار ئادانا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي باستۇرۇشلىرىنى «نومۇسسىزلىق» دەپ سۈپەتلىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دەۋاغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

19-فېۋرال كەچتە ئەلى ئەكبەر داموللام يېتەكچىلىكىدىكى بىر قانچە پىدائىيلار تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرىدىكى ئىنسان ۋە مەدنىيەت ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ  يېغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

بۇ خەۋەر 26534 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2019 20:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق