جازا لاگېرلىرىدىكى كىشىلەر زىيارەت قىلىنغان بىر تۈركۈم فىلىملەر ئېلان قىلىندى

جازا لاگېرلىرىدىكى كىشىلەر زىيارەت قىلىنغان بىر تۈركۈم فىلىملەر ئېلان قىلىندى

يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان چەتئەل مۇخبىرلىرى تارقاتقان جازا لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن فىلىم تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.
فىلىمدە چەتئەللىك مۇسۇلمان مۇخبىر ئايشەمگۈل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر قىز زىيارەت جەريانىدا يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.
ئۇ مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ دىنغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ماركىسىزمغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا كۆپلەپ خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ تەمىنلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارەت فىلىمىدە خىتاينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، مۇخبىر قىزغا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېگەن ۋە «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەپ جاۋاب قايتۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇ قىز بۇ سۆزنى دېيىشكە پېتىنالمىغان.

بۇ خەۋەر 851 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2019 17:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق