شەرقىي تۈركىستانغا بارماقچى بولغان ھەيئەت توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

شەرقىي تۈركىستانغا بارماقچى بولغان ھەيئەت توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى
بېرلىن فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ (AFP) تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشكە بارماقچى بولغان گېرمانيە ئۆمىكى ئۆمەك ئىچىدە يېشىللار پارتىيەسىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنىڭ بولغانلىقى سەۋەبلىك رەت قىلىنغان.
گېرمانىيە پارلامېنتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ھەيئەت تەشكىللەپ، خىتايغا ئىلتىماس سۇنغان. بىراق خىتاي تەرەپ گېرمانىيە تەرەپكە ھەيئەت ئىچىدىكى يېشىللار پارتىيەسى كىشلىك ھوقۇق باياناتچىسى 60 ياشلىق مارگارىتا باۋزى(Margarete Bause)نى ھەيئەت ئىچىدىن چىقىرىۋېتىش شەرتىنى قويغان بولۇپ، مارگارىتا باۋزى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە تەشكىللىگەن ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈش تەلىپى خىتاي تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسا، ھەيئەت زىيارىتىنى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 777 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2019 21:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق