قىرغىزىستان ئالاھىدە قىسمىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت ئاتامبايوفنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئەمەلگە ئاشمىدى

قىرغىزىستان ئالاھىدە قىسمىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت ئاتامبايوفنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئەمەلگە ئاشمىدى

ھازىرقى ۋاقىت قانىلىنىڭ (CurrentTime TV) تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان ئالاھىدە قىسمىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايوفنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئەمەلگە ئاشمىغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە قىرغىزىستان ئالاھىدە قىسمى قوزغىغان سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايوفنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھىمايە قىلىشى سەۋەبلىك ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، قوللىغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرىنى ئاتامبايوفنىڭ قورۇسىغا كىرىشتىن توسۇش ئۇچۈن يول ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى كېسىپ يولنى توسقانلىقى، توقۇنۇشتا قوللىغۇچىلاردىن ئون كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى، ئالاھىدە قىسىم ئەزالىرىدىنمۇ بىر نەچچە خادىمنىڭ يارىلانغانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاتامبايوفنىڭ قوللىغۇچىلىرى قىرغىزىستان ئالاھىدە قىسىم خادىملىرىدىن بىر نەچچىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان. قىرغىزىستان جۇمھۇرىيتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قىرغىزىستان ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئالاھىدە قىسىمدىن يۈزلىگەن كىشىنى تەييارلاپ، سابىق پىرېزىدېنتنىڭ قورۇسىغا قايتا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىماقچى بولغان.
ئالمازبېك ئاتامبايوف 2011-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بولغان. ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئىستېپا بېرىپ ئورۇن بوشاتقان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن بىر نەچچە كىشى ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىرىكلىشىش ھەققىدە شىكايەت قىلىشقا باشلىغان. بۇ سەۋەبلىك ئالمازبېك ئاتامبايوف ھازىرقى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا باشلىغان.

 

بۇ خەۋەر 900 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2019 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق