پاكىستاندىكى جامائەتى ئىسلام پارتىيەسى ھىندىستانغا قارشى نامايىش قىلدى

پاكىستاندىكى جامائەتى ئىسلام پارتىيەسى ھىندىستانغا قارشى نامايىش قىلدى

پاكىستاندىكى جامائەتى ئىسلام پارتىيەسى بۈگۈن ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاساسىي قانۇننىڭ 350-ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا قارشى پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا نامايىش قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستاندىكى جامائەتى ئىسلام پارتىيەسى بىلەن كەشمىر ئۈچۈن ياشلىق مۇنبىرى خەلقئارا سىياسەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن نامايىشقا نۇرغۇن سىياسەتچىلەر، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە پۇقرالار قاتناشقان بولۇپ، پاكىستان جامائەتى ئىسلام پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىئان مۇھەممەد ئاسلام نامايىشچىلارغا، پاكىستان كونتروللۇقىدىكى ئازاد كەشمىرنىڭ باش مىنىستىرى راجا فارۇق ھەيدەرخان ۋە خەلققە خىتاب قىلىپ: «راجا فارۇق كەشمىرلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بىر قەدەم ئالدىغا تاشلىسا، بىزمۇ ئارقىسىدىن ماڭىمىز. چىقىڭلار، كەشمىرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايلى» دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە، نامايىش قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشچىلار «مەن كەشمىرلىك، كەلگۈسىمنى ئۆزۈم بەلگىلەيمەن»، «ھىندىستان كەشمىرنى سۇرىيەگە ئايلاندۇرماقچى»، «370-ماددىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى جاممۇ كەشمىر ئۈچۈن زىيانلىق بولغىنىدەك، ھىندىستانغىمۇ زىيانلىق» دېگەندەك پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.

بۇ خەۋەر 11165 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2019 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق